باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى مەملىكەت بويىچە قىزىل ساياھەتچىلىك نادىر مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى

2017.02.13 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 14 تارماق بىرلىشىپ «مەملىكەتلىك قىزىل ساياھەتچىلىك نادىر مەنزىرە رايون تىزىملىكى»نى بېسىپ تارقاتقان، تىزىملىكتە مەملىكەتلىك قىزىل ساياھەتچىلىك نادىر مەنزىرە رايونىدىن 300نى ئېلان قىلغان بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى 2003- يىلى سېلىنغان بولۇپ، بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى دەپ نام بېرىلىپ، ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە كەلگەن ئونمىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان. قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك روھى ھەرقايسى دەۋردىكى ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، تىرىشچانلىق بىلەن گۈزەل يۇرت قۇرۇش قاتارلىقلارغا دەۋەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا، ھەمدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر