باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ياپونىيە تەسلىمنامىسىغا ئىمزا قويغان گېنېرالنىڭ ئىسمى بىلەن ياپونىيە بىلەن تالىشىۋاتقان ئارالغا نام بەردى

2017.02.13 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


  پۇتىن رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا زېمىن مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (ئوڭدا) موسكۋادىكى كرېمۋىل سارىيىدا ياپونىيە مۇخبىرلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. (ماتېرىيال سۈرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11- فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋەكىل بولۇپ ياپونىيەنىڭ تەسلىمنامىسىغا ئىمزا قويغان بىر گېنېرالنىڭ ئىسمى بىلەن رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولىۋاتقان بىر ئارالغا نام بەرگەن.

  تا س س ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، رۇسىيە يىراق شەرق كۇرىل تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى بەش نامسىز ئارالغا نام بەردى. بۇلار ئىچىدە، دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋەكىل بولۇپ ياپونىيەنىڭ تەسلىمنامىسىغا ئىمزا قويغان كۇزما جايلېۋېيانكونىڭ ئىسمى بىلەن رۇسىيە بىلەن ياپونىيە تالىشىۋاتقان بىر ئارالغا نام بەرگەن. بۇ ئارال كۇرىل تاقىم ئاراللىرى (ياپونىيە تەرەپ ئۇنى شىمالدىكى تۆت ئارال دەپ ئاتايدۇ) ئارىسىدىكى خابوماي تاقىم ئاراللىرىغا تەۋە. يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيەتەرەپ كۇرىل تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى شىكوتان ئارىلى ئەتراپىدىكى بىر ئارالنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ياپونىيە بىلەن قارشى ئۇرۇش قىلغان بىر نەپەر سوۋېت ئىتتىپاقى گېنېرالنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر