خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام ئۇلۇغ خەۋىرى، فوتوسى) 2- ئاينىڭ 9-كۈنى ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، كىنو-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىلەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن چاغراق يېزىسىنىڭ چاغراق كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئېلىپ بارغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بۇلۇش»، ئارمىيە-خەلق ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتى ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاغراق كەننتىكى ھەر مىللەت ئاممىسى قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر –ئەسكەرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق قوراللىق خىزمەت ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىلەن قۇيۇق ئالاقە باغلاپ، ئىجىل–ئىناق بولۇپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئارىلىشىش، ئالاقىلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى ۋە مىللەتلەرنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخمۇ قۇيۇقلاشتۇردى.
ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، 4-تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنجان ھامۇت، قۇربانجان ھەسەن مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بۇلۇش» پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ «بىرلىكتە تاماق يېيىش، بىرلىكتە يېتىپ-قۇپۇش، بىرلىكتە ئەمگەك قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 9-كۈنى چاغراق كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئارمىيە-خەلق بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بۇلۇش»، قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى