سۈرەتتە: 8-فېۋرال، كىشىلەر فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە توخۇ يىلى باش تېمىسىدىكى ئۈنچە-مەرۋايىت بويۇمىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
شۇ كۈنى، جۇڭگونىڭ مۈچەل باش تېما قىلىنغان بىر مەيدان ئۈنچە - مەرۋايىت كۆرگەزمىسى پارىژنىڭ سېينا دەرياسى بويىغا جايلاشقان جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدە باشلاندى، 100دىن ئارتۇق ئۈنچە-مەرۋايىت بويۇمى پارىژغا مودا «جۇڭگو ئۇسلۇبى» ئېلىپ كەلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، 2017- يىلىدىكى فىرانسىيە «شاد-خۇراملىققا چۆمگەن چاغان» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى