باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىلغا ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىگە ئائىت ئۈچ كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

2017.02.09 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- فېۋرال، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىلغا ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىگە ئائىت 68 دېلو ئۈستىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىن ئىككى مەسىلە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن بىر مەسىلە ئۈستىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا:

  بورتالا شەھىرى ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى سۇنىنتوخا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە سۇ تەقسىم قىلغۇچى كادىر خې لۇڭنىڭ قالايمىقان سېلىق سېلىش مەسىلىسى. 2015- يىلى، خې لۇڭ ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك 4400 يۈەن سۇ ھەققىنى دېھقانلارغا تەڭ چىقىم قىلدۇردى. 2016- يىلى 11- ئاي، خې لۇڭ پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى .

  كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازىرى توققۇز توما كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېزىز بىسارنىڭ تاپان ھەققى ئېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر. ئېزىز بىسار ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كوللېكتىپنىڭ مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىپ، يىغىنغا تاپان ھەققى ئالغان، ئۇنىڭ تاپان ھەققى ئۈچۈن ئالغان سوممىسى جەمئىي 19مىڭ 170 يۈەن بولۇپ، ئۇنى شەخسىي ئىستېمال قىلىشىغا ئىشلەتكەن. 2016- يىلى 11- ئايدا، ئېزىز بىسارغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى.

  بىڭتۈەن 8- شىسى شىخەنزە 148- تۈەن خوجىلىق پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن لىڭنىڭ يالغان مەلۇم قىلىپ قوشلاپ ئېلىش، قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. 2016- يىلى 1- ئايدىن 4- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەزگىللەردە، يەن لىڭ يالغان مەلۇم قىلىپ قوشلاپ ئېلىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرمۇش قۇتقۇزۇش پۇلى قاتارلىق پۇللارنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچكەن ۋە ياردەم پۇلى تارقاتقان. 2016- يىلى 4- ئايدا، يەن لىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ۋە مەمۇرىي گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر