باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۇيقۇسىزلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

2017.02.09 11:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىندا ئامېرىكا «ئىلىم–پەن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ھايۋانات تەجرىبىسى ئىسپاتلىدىكى، ئۇيقۇنىڭ ئاساسلىق رولىنىڭ بىرى چوڭ مېڭىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئەستە قالدۇرۇشقا مەسئۇل نېۋروننى قايتىدىن تەڭشەش بولغاچقا، ئۇيقۇسىزلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئۇچۇر ساقلاش نېۋروننىڭ سىناپستا بولۇپ، بۇ سىناپس نېۋرونلارنى ئۆزئارا باغلايدۇ. بىر نېۋرون سىناپس ئارقىلىق سىگنال مولېكۇلالىرىنى يوللايدىغان بولۇپ، بۇ سىگنال مولېكۇلالىرى يەنە بىر نېۋرون سىناپستىكى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە ئاقسىلى تەرىپىدىن «ئولجا ئېلىنىدۇ»، بۇ ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى تاماملايدۇ. بىراق بىر نېۋروندىكى قوبۇل قىلىش سېگنال مولېكۇلىسىنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى چەكلىك بولىدۇ، ئەگەر سىگنال قوبۇل قىلغۇچى تەنچە ئاقسىلى يېتەرلىك كۆپ سىگنال مولېكۇلالىرىنى قوبۇل قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇچۇرلارنى نورمال بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.

  ئامېرىكا يوھانس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى كىچىك چاشقاندىن پايدىلىنىپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، چاشقانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئەستە تۇتۇش ۋە ئۆگىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سەقەنقۇر گەۋدىسى قاتارلىق رايونلاردىكى نېۋرونلارنى تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە, كىچىك چاشقان ئۇيقۇ ھالەتتە تۇرغاندا، بۇ نېۋرونلاردىكى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە ئاقسىلىنىڭ سەۋىيەسى سەگەك ھالەتتىكى سەۋىيەگە سېلىشتۇرغاندا %20 تۆۋەنلىگەنلىكى بايقالغان.

  تەتقىقاتچىلار، بۇنىڭ تۇنجى قېتىم تىرىك ھايۋانلاردا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاقسىللارنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەنلىكىنىڭ بايقىلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تەتقىقاتچىلار, بۇنداق تۆۋەنلەش ئارقىلىق، كىچىك چاشقانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى نېۋرونلار ئۇخلاش جەريانىدا دەم ئالىدۇ ۋە تەرتىپكە سېلىنىدۇ، ئويغانغان چاغدا، ئىلگىرىكى يۈكى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن نېۋرونلارنىڭ ئۇچۇرلارنى نورمال بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ، دەپ قارىغان.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە, بۇ بايقاش چاشقانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى نېۋرونلارنىڭ ئويغاق ۋاقتىدا پەقەت مەلۇم مىقداردىكى ئۇچۇرلارنىلا ساقلىيالايدىغانلىقىنى، ئاندىن چوقۇم قايتىدىن تەڭشىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۇخلاش ۋە مۇناسىپ تەڭشەش جەريانى كەمچىل بولسا، ئۇنداقتا شەكىللەنگەن خاتىرىلەر يۈتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ خىل مېخانىزم ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىمۇ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن كېچىچە ئۇخلىماي خىزمەت قىلغاندا، پايدا ئۇ زىياننى قاپلىيالماي، ئەكسىچە چوڭ مېڭىدىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىيازتۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر