باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئانىسى كوللېكتىپ نوپۇستا بولغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نوپۇسقا قانداق ئېلىنىدۇ؟

2017.02.13 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى ئاھالىسى ليۇ خانىم: بالىنىڭ ئانىسى FESCO چاۋياڭ رايونىدىكى كوللېكتىپ نوپۇستا بولۇپ، ھازىر چەت ئەل كارخانىسىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن نوپۇسى ۋە ئارخىپ مۇناسىۋىتى يەنىلا FESCO شىركىتىدە، يولدىشىنىڭ نوپۇسى باشقا جايدا، ئائىلە نامىدا ئۆي-زېمىنى يوق. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى بېيجىڭدىكى قايسى ئورۇنغا بېرىپ، تۇغۇلغانلارنى تىزىملاش ئىلتىماسى قىلىشقا بولىدۇ، قانداق رەسمىيەتلەر كېرەك؟

  بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى: شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چىقارغان نوپۇس باشقۇرۇشتا خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت تەدبىرلىرىگە ئاساسەن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن بىر تەرەپ شەھەرنىڭ ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپ نوپۇسى، يەنە بىر تەرەپ سىرتنىڭ نوپۇسى بولغاندا ھەمدە بېيجىڭدا ئۆزى ۋە جورىسىنىڭ نامىدا قانۇنلۇق مۈلۈك ھوقۇقى بولغان تۇرالغۇ ئۆيى يوق بولغاندا، شەھەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۇيغۇن، رەسمىيىتى تولۇق بولغان بالىلارنى دادىسى ياكى ئانىسى بىلەن بىرلىكتە، شەھەرلىك ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپ نوپۇسىغا يېڭى تۇغۇلغانلارنى تىزىملىتىش ئىلتىماسى قىلىشقا بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، كوللېكتىپ نوپۇسىنى ئورۇنلار بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، كوللېكتىپ نوپۇستىكىلەر نوپۇس كەسپىنى بېجىرگەندە، ئورۇنلارنىڭ نوپۇس ياردەمچى باشقۇرغۇچىلىرى بىر تۇتاش بېجىرىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمەت ئارخىپى مۇناسىۋىتى باشقا ئۆلكە ياكى بېيجىڭ شەھىرىدىكى باشقا ئورۇنلارغا يۆتكەلگەن، لېكىن نوپۇسى ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپ نوپۇسى ئىچىدە بولسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتىنى ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپ نوپۇسى ئىچىدە يېڭى تۇغۇلغانلارنى تىزىملاش ئىتىماسى قىلىشقا بولمايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى جورىسى بىلەن بىرگە باشقا جايدا نوپۇسقا تىزىملىتىشقا بولىدۇ. تەپسىلاتىنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ ساقچىخانىسىنىڭ نوپۇس كۆزنىكىدىن مەسلىھەت سوراشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر