باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇشتەك ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۆرۈنەرلىك زەربە بېرىلدى

__ مەملىكەت بويىچە «كەنت زومىگىرى» ۋە جەمەت كۈچلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ھەرىكىتىگە نەزەر

2017.02.13 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئايدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنىدا: «كەنت زومىگەرلىرى» ۋە جەمەت كۈچلىرىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشىغا، ئاۋامنى بوزەك قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى چىرىتىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق لازىم، دەپ تەكىتلەندى. 1-ئاينڭ 19-كۈنى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «تەپتىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، <كەنت زومىگەرلىرى> ۋە جەمەت كۈچلىرى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، كەنتلەرنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى پائال قوغداش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ «كەنت زومىگەرلىرى» ۋە جەمەت كۈچلىرى ئۆتكۈزگەن جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە قەتئىي جازالاپ، «كەنت زومىگەرلىرى» ۋە جەمەت كۈچلىرگە يانتاياق بولۇشتەك خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا گەۋدىلىك زەربە بېرىش تەكىتلەندى.

  تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، بىر قىسىم يېزىلاردا «كەنت زومىگەرلىرى»، جەمەت كۈچلىرى غالجىرلاشقان، «يەرلىك پادىشاھ»لار زورلۇق- زۇمبۇلۇق قىلىش، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، سايلامنى تىزگىنلەش، قىمارخانا ئېچىش، زوراۋانلىق كۈچى ئارقىلق قانۇن بىلەن قارشىلىشىش، بايلىقنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش قاتارلىقلار ئاممىنىڭ قاتتىق نەپرىتىنى قوزغىغان.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر قىسىم جايلاردا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بەزى خادىملىرىنىڭ «كەنت زومىگەرلىرى»گە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ بەرگەنلىكى بايقالدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كەنت زومىگەرلىرى»نىڭ قىلچىلىك ئەيمەنمەي، يۇرتىدا زورلۇق- زومبۇلۇق قىلىپ، يۇرتىغا غوجا بولۇۋېلىشىدا، كۆپىنچە ھاللاردا «ئۈستىدە ئادەم بار» بولغانلىقتىن، بوزەك قىلىنىپ ئېزىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى دەردىنى ئىچىگە يۇتقان، «كەنت زومىگەرلىرى» ۋە جەمەت كۈچلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، ئىدارە قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر