باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى بىر خىمىيە سانائىتى شىركىتىدە پارتلاش يۈز بەردى، ئىككى ئادەم ئۆلدى، ئۈچ ئادەم ئېغىر يارىلاندى، بەش ئادەم يېنىك يارىلاندى

2017.02.13 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12- فېۋرال سائەت 6 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى كاربىد ئىشلىرى بۆلۈمى 5- نومۇرلۇق كالتسىي كاربىد ئوچىقى ماتېرىيالنى بىر تەرەپ قىلغاندا بوشلۇقتا پارتلاش يۈز بەردى، ئىككى ئادەم نەق مەيداندا ئۆلدى، ئۈچ ئادەم ئېغىر يارىلاندى، بەش ئادەم يېنىك يارىلاندى، نۆۋەتتە ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشتى.

  ھادىسە دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دۆلەت بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ياڭ خۇەننىڭ دەرھال مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمىلىرى ھادىسىگە ئالاقىدار ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق قالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى ئىدارىسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئېنىق تەكشۈرۈپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، قانۇن ۋە بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. جايلارنى گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى9- فېۋرال ئېلان قىلغان «مەملىكەتلىك ”ئىككى يىغىن“مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپى بويىچە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، تۈرلۈك بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، مەملىكەتلىك ”ئىككى يىغىن“نىڭئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا مۇقىم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر