باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زۇڭتۇڭى سۇرىيەدە «بىخەتەر رايون» بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2017.02.13 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 12-فېۋرال، تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ تېررورلۇقنى تازىلاش ھەمدە «بىخەتەر رايون» بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەردوغان شۇ كۈنى بەھرەينگە يولغا چىقىش ئالدىدا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا، تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا تېررورلۇق بولمىغان 5000 كىۋادرات كېلومېتىرلىق رايون قۇرۇش ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە قۇبۇل قىلغان سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىشى ئۈچۈن، بۇ رايوندا «بىخەتەر رايون» بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  بۇلتۇر 8-ئايدا، سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى «سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى» قوراللىقلىرىغا تايىنىپ، رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» كۈچلىرىنى سۇرىيە چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىپ بىر «بىخەتەر رايون» قۇرۇش، ھەمدە سۇرىيەدىكى كۇردلارنىڭ زېمىنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشى ھەمدە تۈركىيە چېگراسى ئىچىدىكى كۇردلارغا ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۈركىيە ئارمىيەسى سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا «ئېفىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر