باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇخبىر شەندۇڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېزا يېرى بويىچە «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يەر ئوبوروتىدا ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى

2017.02.13 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەر ئوبوروتىدا، ئوبوروت قىلىنىدىغىنى يەر تىجارىتى ھوقۇقى. كەنتنىڭ يەر ھوقۇقى تەۋەلىكى بېكىتىلىشتىن بۇرۇن، شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلىگەن بەزى كەنت ئاھالىسى يەرنى ئاق تاشلاپ قويۇشقا رازىكى، ئوبوروت قىلىشنى خالىمايتتى، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنچىڭ شەھىرى لاۋجۇاڭجاۋ بازىرى يۇجۇاڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ چىڭۋېننىڭ قارىشىچە، يەرنى ئوبوروت قىلىش تولىمۇ قىيىن ئىدى.

  2016- يىلى، مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقىنى ئايرىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، يېزا يەرلىرى ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقىنى ئايرىش (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» دېيىلىدۇ) نى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىشنىڭ تىجارەتچىلەر ۋە ھۆددىگە ئالغۇچىلارغا قانداق تەسىرى بار؟ قانداق خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش كېرەك؟ مۇخبىر يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ھازىر يېزا يەر ھوقۇقى ئەسلىدىكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئىككى ھوقۇق» «ئۈچ ھوقۇق» قا ئايرىلىپ، يەر ئىجارە ئېلىپ تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە يېڭى يول ئېچىلدى.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى شۇگۇاڭ تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى جياڭ سېن مۇنداق دېدى: ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىشتا تىجارەت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش يېزىلارنىڭ بايلىق، مەبلەغ، مۈلكىنى جانلاندۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە كۆلەملەشكەن تىجارىتى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  قانداق قىلغاندا دېھقانلارنى تىجارەت ھوقۇقىنى خاتىرجەم ئوبوروت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئوبوروت قىلىشنىڭ ھۆددىگەرلەرگە قانداق پايدىسى بار؟

  جاڭ چىڭۋېن يېزا يەر تىجارەت ھوقۇقىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ.

  شەندۇڭ دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ جىنباۋ مۇنداق دېدى: دېھقانلارنىڭ يەر ئەمەلىي ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، پولاتتەك پاكىتقا ئىگە قىلىش، دېھقانلارنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغاندا، كېيىنكى باسقۇچتىكى «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» نىسبەتەن ئاسان بولۇپ، يەرلەر تېخىمۇ راۋان ئوبوروت قىلىنىدۇ.

  بۇ يەردە، يەر تىجارەت ھوقۇقى، ئورمان ھوقۇقى، سۇ تەۋەلىكى، دەريا ساھىلى بېقىش ھوقۇقى، يېزا كوللېكتىپ پاي ھوقۇقى قاتارلىقلاردا سودا قىلىشقا بولىدۇ. يەر تىجارىتى ھوقۇقى ئوبوروتىنى مىسالغا ئالساق، دېھقانلار ئىلتىماس قىلىش ۋە توختام ئىمزالاشتىن ئىبارەت ئىككى ھالقىغا قاتنىشىدۇ، باشقا خىزمەتلەرگە بىردەك مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزى مەسئۇل بولىدۇ، سودا جەريانى ھەقسىز بولىدۇ. يۇقىرى باھا قويغانلار خېرىدار بولۇپ، يەر ئىجارىگە بەرگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە تاپاۋىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى ۋە كاپالەتلىك قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر