باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدامچىلىق تېلېفونلىرىنىڭ باشقا جايدا چاقىرىش نىسبىتى %70كە يېقىنلاشتى

2017.02.13 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يانفون قاراۋۇلى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان «2016- يىلى جۇڭگو يانفون بىخەتەر ئەھۋالى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قېتىم سايرىتىپلا قويۇۋەتكەن تېلېفون نومۇرلىرى ئاساس جەھەتتىن يەنىلا كۆپ ھاللاردا پاراكەندىچىلىك قىلىدىغان تېلېفونلار ھېسابلىنىدۇ؛ قانۇنسىز ئۇنسۇرلار باشقا جايدا دېلو سادىر قىلىشقا قىزىقىدۇ، مەملىكەت بويىچە ئالدامچىلىق تېلېفونلىرىنىڭ باشقا جايدا چاقىرىش نىسبىتى %70كە يەتكەن.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلى، ئابۇنىچى 360 يانفون قاراۋۇلى ئارقىلىق ئېنىقلانغان پاراكەندىچىلىك قىلىدىغان تۈرلۈك تېلېفون نومۇرلىرى 234 مىليونغا يەتكەن، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2014-، 2015-، 2016- يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2016- يىلى ئېنىقلانغان پاراكەندىچىلىك قىلىدىغان تېلېفونلارنىڭ مىقدارى تۇنجى قېتىم ئازىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم سايرىتىپلا قويۇۋەتكەن تېلېفونلار %54.6لىك نىسبەتەن بىلەن ئابۇنىچى ئېنىقلانغان پاراكەندىچىلىك قىلغۇچى تېلېفونلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن تەڭ،360 يانفون قاراۋۇلى يەنە ئالدامچىلىق تېلېفونى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ باردى، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدامچىلىق تېلېفونىنىڭ باشقا جايدا دېلو سادىر قىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن روشەن بولغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا، ئالدامچىلىق تېلېفونىنىڭ باشقا جايدا چاقىرىش نىسبىتى % 68.8گە يەتكەن. لېكىن تېلېگراف ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇنسۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، رايون ھالقىپ دېلو سادىر قىلىش كۆپ ھاللاردا دېلونى تەكشۈرۈش ۋە پاش قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر