باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇق بەردى، جۇ خەيلۇن يىغىندا سۆز قىلدى

2017.02.13 14:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 -، 5 -، 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەركەز سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن خىزمەتلەر يەكۈنلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق سىياسىي- قانۇن خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇق بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سارقىت ئاقان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇقىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلتۇرقى سىياسىي- قانۇن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىياسىي- قانۇن كادىر- ساقچىلىرى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مۇقىملىقنى قوغداش سېپىدىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارغا چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتتى ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىياسىي- قانۇن ئورگانلىرى مەركەز سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇما، تەلىپىگە ئاساسەن، خەۋپ- خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى، تۈزۈم بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى 1- ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي- قانۇن خىزمىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك. سىياسىيدا قەتئىي، مۇتلەق سادىق بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقى ۋە بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش كېرەك. زېھنىنى باش نىشانغا مۇجەسسەملەپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، باش نىشان ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى ياخشى تۇتۇش»، «بەشنى باشقۇرۇش»، «تۆتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»تىن ئىبارەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا تىرىشىپ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادالەت، ھەققانىيەتنى ياقىلاپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك خېيىم- خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان مەجبۇرىيەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كاپالەتنى ياخشىلاپ، سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە توغرا سىياسىي يۆنىلىش بويىچە ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك سىياسىي- قانۇن ئورگانلىرى، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى كەسكىن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك؛ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشى كېرەك؛ «بەشنى باشقۇرۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى دائىملاشتۇرۇشى كېرەك؛ پەن- تېخنىكا تېرىكىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئالدىن مۆلچەرلەش، سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى خىزمەتنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك؛ ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئىناۋىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئىنتىزام- ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي كۈچەيتىپ، قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان سىياسىي- قانۇن قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى، سىياسىي- قانۇن كادىر- ساقچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، ساقچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن بىللە، نۆۋەتلەشتۈرۈپ دەم ئالدۇرۇش ۋە ساقچىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي- قانۇن قوشۇنىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012- يىلىدىن 2016- يىلغىچە بولغان جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش (تىنچ- ئامانلىق) قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر، ئاپتونوم رايون بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىلغار شەخسلەر(كوللېكتىپ)، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن تىنچ- ئامان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ئىلغار تىنچ- ئامان ناھىيە (شەھەر، رايون)، تىنچ- ئامان ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە ئىلغار تىنچ- ئامان يېزا، بازار (كوچا باشقارمىسى) قاتارلىقلار تەقدىرلەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر