باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى

2017.02.13 09:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2- ئاينىڭ 10- كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى.

  شى جىنپىڭ ترامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ترامپنىڭ 2- ئاينىڭ 8- كۈنى خەت يېزىپ، پانۇس بايرىمى ۋە جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە توخۇ يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ترامپنىڭ جۇڭگو- ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى.

  ترامپ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى ھەم رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بايرىمىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە زىچ ئالاقىنى ساقلىدى. ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتقان تۈرلۈك خىرىسلار ئالدىدا، جۇڭگو- ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكى تېخىمۇ ئېشىۋاتىدۇ.

  ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى تامامەن بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىككى تەرەپ ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىق ھەمراھلاردىن بولالايدۇ. جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا پائال كۈچ چىقارماقتا. بىز ئامېرىكا بىلەن ئىقتىساد- سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن- تېخنىكا، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايمىز.

  ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم. مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ زىچ ئالاقىنى ساقلىغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە قايىلمەن، جۇڭگو خەلقىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئامېرىكا خەلقىنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ھەمراھلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تارىخىي يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردە ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ.

  ترامپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق چۈشىنىمەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ ترامپنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئالقىشلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى ھەم بالدۇرراق كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر