باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەسى باش ۋەزىر ئابې شىنزونى تىرامپقا ئەگەشتى دەپ ئەيىبلىدى

2017.02.13 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەسى باش ۋەزىر ئابې شىنزونىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتىگە قارىتا، 11-فېۋرال ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىشنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك سادالىرىنى ئارقا ئارقىدىن ياڭراتتى. ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەر ئابې شىنزونىڭ يەتتە ئىسلام دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى مەنئىي قىلىشتىن ئىبارەت زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئۈستىدە باھا بېرىشتىن ئۆزىنى تارتقانلىقىدىن نارازى بولدى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 10-فېۋرال ئابې شىنزو تىرامپ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بىرلىشىپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغان. تىرامپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەسى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىش بېجىرگۈچىسى بۇنىڭغا قارىتا تىرامپ بىلەن ئابې شىنزو ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى دەپ قارايمەن، دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر