خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 11- كۈنى، تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەئىدى جۈۋىن، تۈركىيەدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللاش- ماقۇللىماسلىقنى قارار قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 4- ئاينىڭ 16-كۈنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە ئاساسەن، تۈركىيە پارلامېنت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىدۇ. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 10- فېۋرال ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تەستىقلاپ، ئارقىدىن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشنى قارار قىلدى.
سۈرەتتە: 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تارتىلغان تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننىڭ ماتېرىيال سۈرىتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى