باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلار يىغىپ بېقىلىدۇ

2017.02.13 14:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «<بەشتە كاپالەتلىك> ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنى يىغىپ بېقىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تۈزۈپ، كەلگۈسى تۆت يىلدا «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنى يىغىپ بېقىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ئاساسلىقى يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە تىرىكچىلىك مەنبەسى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئادىمى يوق ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغۇچى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنى، يېتىم بالىلار ئاساسلىقى، ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ياكى ئۆز ئاتا- ئانىسى تېپىلمىغان، 18 ياشقا توشمىغان بالىلارنى كۆرسىتىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدا ھۆكۈمەت قۇرغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدىكى 19 مىڭ 500 كارىۋات «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنى يىغىپ بېقىشقا ئىشلىتىلىدىكەن، 2020- يىلىغىچە ئالاقىدار ئاپپارات ۋە كارىۋات كۆپەيتىلىپ، «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ھەممىسى يىغىپ بېقىلىدىكەن. ئېھتىياجلىق مەبلەغ لاتارىيە جامائەت پاراۋانلىق فوندى، مالىيە خامچوت مەبلىغى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى قاتارلىقلاردىن ئاجرىتىلىدىكەن. يىغىپ بېقىلغاندىن كېيىن، «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى 520 يۈەن ۋە 900 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدىكەن.

  ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى يىغىپ بېقىشقا ئىشلىتىلىدىغان كارىۋات 29 مىڭ 600، يىغىپ بېقىش نىسبىتى %25؛ يېتىم بالىلارنى يىغىپ بېقىشقا ئىشلىتىدىغان كارىۋات 8000، يىغىپ بېقىش نىسبىتى %20كە يېتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر