باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016- يىلى شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قاتارلىق خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىدىن 678گە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى

2017.02.13 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- يانۋار، ئاپتونوم رايون بويىچە تەپتىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا 2016 ـ يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئېلان قىلىندى، ھەمدە 2017 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرىغا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەپتىشلىك فۇنكسىيەسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىندى.

  2016 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى تەپتىش نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، «يولۋاس» ۋە «چىۋىن»غا تەڭ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش قاتارلىق خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن 741 كىشىنىڭ 687 دېلوسىنى، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن 148 كىشىنىڭ 128 دېلوسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، دېلو بېجىرىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ 264 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنىنى قايتۇرۇپ كەلگەن. پارا بېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن 174 كىشىنى ۋە قېچىپ يۈرگەن 10 كىشىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پاكلىققا ئائىت قىسقا فىلىم ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئېلانى قاتارلىقلارنى ئىشلەپ تارقىتىپ ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر