باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 506 نەپەر يۇقىرى قاتلام ئىختىساس ئىگىسى كىرگۈزىدۇ

2017.02.13 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 506 نەپەر يۇقىرى قاتلام ئىختىساس ئىگىسى كىرگۈزۈش ئېھتىياجى بولغان ئىش ئورنىنى ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ. قىسمەن ئىش ئورنىنىڭ يىللىق ئىش ھەققى بىر مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

  تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، تەتقىقات تۈرى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە پاتېنت تېخنىكىسى بار بولغان، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان غىلى بولىدىغان ھەمدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش بۇ قېتىمقى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىدىكەن. ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق ئورۇنلار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلارنى، پۇقراۋى كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئورنى، دوختۇرخانا قاتارلىق 140تىن ئارتۇق ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئالاقىدار كەسىپلەر پەن-تېخنىكا، مائارىپ، سەھىيە-داۋالاش، زامانىۋى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، ھەمدە ئەدلىيە جىنايى ئىشلارنى رازۋېدكا قىلىش ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ دائىرىسى كەڭ، ئېھتىياجى زور، تەمىناتى يۇقىرى بولۇپ، پەن-تەتقىقات خىراجىتى بىر مىليون يۈەندىن ئۈچ مىليون يۈەنگىچە بولىدىكەن، بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىمقى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش شەكلى جانلىق بولۇپ، تولۇق كەسپى خىزمەت ئارقىلىق كىرگۈزىلىدىكەن، لېكسىيە سۆزلەش، تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولۇش، تۈرلەردە ھەمكارلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىقمۇ كىرگۈزىلىدىكەن، ئۇزاق مۇددەت مۇلازىمەت قىلسىمۇ، قىسقا مۇددەت ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرسىمۇ بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش خىزمىتى 2018- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر