باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پانۇس بايرىمى كېچىسى تۆت ياشلىق بىر بالا دېرىزە تۈۋىدە ئويناپ تېيىلىپ كېتىپ، دېرىزە رېشاتكىسىغا ئېسىلىپ قالدى

2017.02.14 17:35   مەنبە: خەلق تورى

پانۇس بايرىمى كېچىسى تۆت ياشلىق بىر بالا دېرىزە تۈۋىدە ئويناپ تېيىلىپ كېتىپ، دېرىزە رېشاتكىسىغا ئېسىلىپ قالدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پانۇس بايرىمى كەچتە، چوڭلار بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەپ، پاراڭ بىلەن بالىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. 11-فېۋرال كەچتە، كورلا شەھىرى شىخۇا چوڭ يولى ئەتىرگۈل قورۇقى ئائىلىلىكلەر قورۇسى 2-قەۋەتتىكى بىر ئۆينىڭ ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش رېشاتكىسىدا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان كۆرۈنۈش يۈز بەردى. تۆت ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ( شىن شىن ) ئۆز ئۆيىنىڭ دېرىزىسىنىڭ ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش رېشاتكىسىغا بېشى قىسىلىپ قالغان ھالەتتە، بوشلۇقتا ساڭگىلاپ قالغان ئىدى. ياخشى يېرى، ئوت ئۆچۈرۈش – ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەترىتىدىكىلەر ۋاقتىدا كېلىپ، بالىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

  شۇ كۈنى كەچ سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شىن شىننىڭ دادىسى بىر يەردە بالىسىنىڭ يىغلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋە ئىزدەش ئارقىلىق بالىنىڭ دېرىزە سىرتىدىكى رېشاتكىغا بوينى قىسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ رېشاتكا تۆمۈرلىرى ئارىلىقىنىڭ تارلىقىنى كۆرۈپ، بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئالسا بالىسىغا خەتەر يېتىشتىن ئەنسىرىگەن. جىددىيچىلىكتە ئۇ ساقچىغا تېلېفون قىلىپ، ياردەم تەلەپ قىلغان.

  ساقچى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى كەلمىسە بالىنى چىقىرىشنىڭ تەسلىكىنى كۆرگەن، بالىنىڭ ئېسىلىپ تۇرۇپ نەپەستىن توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، دەرھال بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش دېرىزىسىدىن يامىشىپ چىقىپ، بالىنى ئاستىدىن كۆتۈرۈپ تۇرغان.

  كەچ سائەت 8دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر يېتىپ كەلگەن ۋە يۇقىرى بېسىملىق كېسىش ئامبۇرى بىلەن تۆمۈرنى كېسىپ، بالىنى چىقىرىۋالغان.

  ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بالىلار ئويۇنغا ئامراق ھەم قىزىقىشى ئىنتايىن كەڭرى، بىراق نېمىنىڭ ئۆزىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغىنىنى بىلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار چوقۇم بالىنى قوغداش ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەسىلەن، دېرىزە سىرتىغا ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش سېتكىسى تارتىش، ئورۇندۇققا ئوخشاش ياماشقىلى بولدىغان نەرسىلەرنى دېرىزە ئالدىغا قويماسلىققا ئوخشاش. بەزى بىر خەتەرلىك نەرسىلەرنى چوقۇم يىغىۋىتىش، مەسىلەن، چاقماق، پىچاق، تېرموس دېگەندەك. ئۇنىڭدىن سىرت، دېھقانچىلىق دورىلىرى، بېنزىن دېگەندەكلەرنى ھەرگىز ئىچىملىك بوتۇلكىسىغا قۇيماسلىق، ئۆيدىكى دورا ساندۇقىنىمۇ بالا ئالالمايدىغان يەرگە قويۇش، ئومۇمەن بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ 2017- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەت…
    ·ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 668 يەسلى سېلىنىدۇ
    ·تۈركمەنىستاننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى باشلاندى
    ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتلىق بولۇش ئاساسىي ماھارىتىگە يېڭى تەلەپ قويۇلىدۇ
    ·2017-يىلى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلىدۇ
    ·2017- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانى بۇ ئايدا ئېلىنىدۇ
    ·بېيجىڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شۆبە يەسلى ئېچىش تەدبىرى قوللاشقا ئېرىشتى مالىيە تولۇقلىمىسىنىڭ سا…
    ·بېيجىڭدا مەركەزگە قاراشلىق قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپىنى سىرتقا يۆتكەش تەدبىرى قو…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باھا رىقابىتى ئارقىلىق تالىشىشقا بولمايدىغ…
    ·ساۋفىيديەن رايونىدا پايتەخت ئالىي مەكتەپلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش رايونى بەرپا قىلىنىدۇ