- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي–قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
چېن چۈەنگو تەستىق سالدى، جۇ خەيلۈن سۆز قىلدى
2017.02.13 17:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-فېۋرال، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي–قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى، ئالتىنچى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەركەزنىڭ 2 ـ قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، خىزمەتلەر يەكۈنلەندى، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017 – يىللىق سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇق بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سارقىت ئاخان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىياسىي ـ قانۇن ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى يىغىنى روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇجى مېڭ جيەنجۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، خەۋپ – خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە تۈزۈم بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ھەممىدىن مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ قاراپ، يېڭى بىر يىللىق سىياسىي – قانۇن خىزمىتىنى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلاش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر