باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 668 يەسلى سېلىنىدۇ

2017.02.14 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر جاۋ شىيانىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇ يىل 8- ئاينىڭ بېشىدىن بۇرۇن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن سېلىنغان 668 يەسلىنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، مۆلچەرلىشىچە،يېڭىدىن كۆپىيىدىغان يەسلى بالىلىرىنىڭ سانى 80 مىڭغا يېتىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزىدىكى قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى قەدەمدە قىلىدىغان قۇرۇلۇش قىلىپ، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە ئادەم كۈچىنى توپلاپ ئۆتكەلگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىپ، ئاكتىپ ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك ئىكەن. نۆۋەتتە، بۇ رايون مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ 666 مىليون يۈەنلىق مەبلىغى ئەمەلىيلەشكەن ئاساسىدا، يەسلى قوشۇمچە قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئارقا سەپ تەمىناتى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇشقا لازىملىق مەبلەغلەرنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن قەرز پۇل ئېلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سەككىز ناھىيە، بىر شەھەردە ئېھتىياجلىق بولغان 177 مىليون يۈەن يانداش مەبلەغ بىلەن دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكىسى ۋە قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەبلەغ نەقلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر، 668 يەسلىنى قۇرۇش تۈرىنىڭ ھەممىسىدە ئورنىنى تاللاش، تۈر تۇرغۇزۇش ۋە گېئولوگىيەلىك چارلاش، لايىھەلەش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى تاماملىنىپ بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 88 تۈردە خېرىدار چاقىرىش تاماملاندى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ خۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ رايوندا 2876 نەپەر ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇددىئا كېلىشىمى ئىمزالىغان، يېقىنقى مەزگىلدە، 2- تۈركۈم خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۆمىكىنى تەشكىللەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ 1000 نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەسلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىراكتىكا ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش ئاساسىدا، بۇ رايوننىڭ يەرلىك ئالىي مەكتەپلەردە تەربىيەلەنگەن 840 نەپەر ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار كەسپىدىن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يەنە تولۇقلاپ، ھەر قايسى يەسلىلەردە پىراكتىكا ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىلىدۇ، يەنىلا يېتەرلىك بولمىسا، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) يەنە بىر قېتىم ئورگان كادىرلىرىنى تاللاپ مائارىپقا ياردەم بېرىدىكەن، مۇشۇ ئارقىلىق قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى يېنىكلىتىپ، سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىل ھەقسىز قوش تىل مائارىپى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر