باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر گۇ جۇڭۋېن بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلدى

2017.02.13 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-فېۋرال، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ جۇڭۋېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  گۇ جۇڭۋېن بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزغا ئاساسلىقى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەيدان-ساراي ئەسلىھە ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن.

  شۆھرەت زاكىر گۇ جۇڭۋېننىڭ شىنجاڭغا مەخسۇس قار – مۇز تەنھەرىكىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: « شىنجاڭنىڭ قىشلىق كىلىماتى، قار –مۇز شارائىتى قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بەك ماس كېلىدۇ، بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ قىشلىق تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەنئەنىسى بار. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكىتىدە ناھايىتى ياخشى راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىمۇ شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹300 مىليون كىشىنى قىشلىق تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش› چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ‹مىليون ياش - ئۆسمۈرنىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتى پائالىيىتى › ۋە ‹قار – مۇز تەنھەرىكىتىدىكى 100 ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش› پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، قار مۇز تەنھەركىتىنىڭ ئاۋاملىشىشى، پۇقراۋىيلىشىشى يەنىمۇ كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.»

  گۇ جۇڭۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتى ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ۋە زور يوشۇرۇن قېزىش كۈچىگە ئىگە، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردىن تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەتچىلىرى، ئاز سانلىق مىللەت زاپاس تەنھەرىكەتچىلىرىنى قېزىش، تاللاش ۋە تەربىيەلىشىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا ياردەم بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر