باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا تاماق زاكاز قىلىشتىكى يېڭى بەلگىلىمىگە پىكىر ئېلىندى

سودىگەرلەرنىڭ ئەمەلىي گەۋدە دۇكىنى بولۇش كېرەك

2017.02.14 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان توردا تاماق زاكاز قىلىشتىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قارىتا، تېخىمۇ مۇكەممەل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بار بولىدۇ. دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «توردىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ

  (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلارنىڭ ئەمەلىي گەۋدە دۇكىنى بار بولۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك، يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىدە يېزىلغان ئاساسىي كەسىپ، تىجارەت تۈرى بويىچە تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك، تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا، توردىكى يېمەكلىك سودىسىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا، ئۈچىنچى تەرەپ سۇپا بىلەن تەمىنلىگۈچى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتى ۋە مۇلازىمىتىگە قارىتا ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش لازىم. ئۈچىنچى تەرەپ سۇپا بىلەن تەمىنلىگۈچى يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا توسۇشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى لازىم؛ ئېغىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان، تور سودا سۇپىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى دەرھال توختىتىشى لازىملىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  پىكىر نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: توردىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر زەھەرسىز، پاكىز يېمەكلىك قاچىسى، چىنە-قاچا ۋە ئوراش-قاچىلاش ماتېرىيالى ئىشلىتىشى، يېمەكلىكلەرنى ياخشى ئوراپ- قاچىلىشى، تاماق يەتكۈزۈش خادىملىرى يېمەكلىك بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى، تاماق توشۇش جەريانىدا يېمەكلىكلەرنىڭ بۇلغانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىر قېتىملىق قاچا- قۇچىلارنى تەكرار ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  ئۆزى تور بېكەت قۇرغان توردا تاماق زاكاز قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارىتا، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا، تور بېكەت باش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ئۆزلىرىنىڭ يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى ئېلان قىلىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. توردا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ توردا ئېلان قىلغان دۇكان نامى ۋە ئادرېسى ئەمەلىي دۇكان نامى ۋە ئادرېسى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك، ئېلان قىلىنغان ئىشىك، زال، ئاشخانا قاتارلىقلارنىڭ رەسىملىرى ئەمەلىي دۇكان بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك؛ ئېلان قىلىنغان قورۇما ئۇچۇرلىرى، ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە ماتېرىيال قاتارلىقلار ئەمەلىي قورۇما ۋە ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق ماتېرىيال بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك؛ ئېلان قىلىنغان سۈرەتلەر ئەمەلىي قورۇما بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر