باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېلارۇسىيە جۇڭگو پۇقرالىرىغا شەرتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلماقچى بولدى

2017.02.14 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىنىسكى خەۋىرى: بېلارۇسىيە يېقىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق 80 دۆلەت ۋە رايوندىكى پۇقرالارنىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان ھالدا چېگرادىن كىرىشكە بولىدىغانلىقى ھەمدە ئۇ خىل ۋىزا بىلەن بېلارۇسىيەدە بەش كۈن تۇرۇشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سىياسىتىنىڭ 12- فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن قاتارلىق جايلارمۇ بارئىكەن. يەنى، بېلارۇسىيە جۇڭگو، ۋىيېتنام ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە شەرتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇدىكەن، ئەمما، بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە كۆپ قېتىم بېرىپ-كېلەلەيدىغان ئىناۋەتلىك ۋىزا (شېنگېن دۆلەتلەرنىڭ ۋىزىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان بولۇشى، ھەمدە بەش كۈندىن كېيىن بېلارۇسىيەدىن ئايرىلىپ كېتىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئىكەن.

  بۇ يىل 1- ئاينىڭ 9- كۈنى، بېلارۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو مەزكۇر بۇيرۇققا ئىمزا قويدى،بۇ 80 دۆلەت ۋە رايون پۇقرالىرىدىن ئادەتتىكى شەخسىي ئىشلىرى ئۈچۈن پاسپورت بېجىرگەن پۇقرالار مىنىسكى ئايرودۇرۇمىدىن بېلارۇسىيەگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان ھالدا كىرىپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش كۈن تۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. ساياھەتچىلەردە يېتەرلىك ساياھەت مەبلىغى بولۇشى (ھەربىر ئادەم كۈنىگە تەخمىنەن 23 دوللارلىق خىراجەت قىلىشى)، ھەمدە بېلارۇسىيە چېگرا ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك سۇغۇرتا سوممىسى 10مىڭ ياۋرودىن تۆۋەن بولمىغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك. نۆۋەتتە، بېلارۇسىيە بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چېگرادا تەكشۈرۈش رەسمىيىتى كەچۈرۈم قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر