- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا يەنە بىر قېتىم ھاۋا بۇلغىنىدۇ
2017.02.14 16:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-فېۋرال، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 13 ـ فېۋرالدىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ئاتموسفېرانىڭ تارقىلىش شارائىتى سىجىل پايدىسىز بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمالدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئوتتۇرا ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىدىكەن.
بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا، ئاتموسفېرانىڭ تارقىلىش شارائىتى ناچار بولۇپ، بۇلغىمىلار تەدرىجىي توپلىنىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ رايونلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بۇلغىنىش پەيدا بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 14- فېۋرالدىن 15-فېۋرالغىچە بۇلغىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولۇپ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەنشى، شەندۇڭ ۋە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ قىسمەن شەھەرلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 16-فېۋرال، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ رايونلارنىڭ بۇلغىنىش ۋەزىيىتى سەل تۆۋەنلەيدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، 18-فېۋرالدىن 20-فېۋرالغىچە، ئاتموسفېرانىڭ تارقىلىش شارائىتى ئادەتتىكىدەك بولۇپ، بىر قىسىم رايونلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغىنىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 21- فېۋرالدىن 22-فېۋرالغىچە، ئاتموسفېرانىڭ تارقىلىش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، رايونلارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر