باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ

2017.02.13 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، شەنشىدىكى كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ بازىرى كاساتلاشتى. بۇنىڭ تەسىرىدە كۆمۈر كان كارخانىلىرىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك مەسىلىلىرى ئومۇميۈزلۈك ساقلاندى. ئۆلكە بويىچە دۆلەت كارخانىلىرى 5 مىليارد 460 مىليون يۈەندەك ئىش ھەققى، 11 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمىدى، بۇ ئىككى تۈرنىڭ يىغىندىسى 17 مىليارد 260 مىليون يۈەن كېلىدۇ.

  شەنشى ئۆلكىسى ۋاقتىدا بەرمىگەن ئىش ھەققىنى تېزدىن تۈگىتىش ئۈچۈن، 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىن بۇرۇن ھەممە پۇلنى بېرىپ بولۇشنى قارار قىلدى. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يېشىن مۇنداق دېدى: كارخانا مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىكنى قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ھەققانىي ۋاسىتە قىلىشقا بولمايدۇ. ھەر بىر ئورۇننىڭ ھېساباتى بولۇشى، مەبلەغ سېلىنىدىغان پۇلنى ئازراق قىسىپ قېلىپ ياكى قىسمەن پاي ھوقۇقى ۋە مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ بولسىمۇ، 1-مايدىن بۇرۇن ۋاقتىدا بېرىلمىگەن ئىش ھەققى ۋە سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر