باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ دياۋيۈ ئارىلى ۋە جەنۇبىي دېڭىزغا ئالاقىدار سۆزلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ

2017.02.14 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 13- فېۋرال، جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ قوشما باياناتىدىكى دياۋيۈ ئارىلى ۋە جەنۇبىي دېڭىزغا ئالاقىدار سۆزلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دېدى.

  شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: يېقىندا، ياپونىيە- ئامېرىكا رەھبەرلىرى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا- ياپونىيە قوغدىنىش شەرتنامىسى»نىڭ 5- ماددىسىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ خادا تاش ئاراللىرىنى ھەربىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەنۇبىي دېڭىزنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كەشكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

  گېڭ شۇاڭ: «جۇڭگو ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ»، دېدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار ئەلمىساقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ زېمىنى بولۇپ كەلگەن. ھەر قانداق كىشىلەرنىڭ نېمە دېيىشى، نېمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، دياۋيۈ ئارىلىنىڭ جۇڭگوغا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ.

  گېڭ شۇاڭ: «بىز ياپونىيەنىڭ ئاتالمىش <ئامېرىكا-ياپونىيە قوغدىنىش شەرتنامىسى> نامى بىلەن زېمىنىمىزنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئامېرىكىنى تارتىپ كېلىپ ۋەز ئېيتىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ياپونىيە ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پاسسىپ تەسىر بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گەپ-سۆزدە دىققەت قىلىشى، خاتا سۆزلەرنى قىلىشنى توختىتىشى كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر