خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇنەن ئۆلكىسى ليەنيۇەن كان ۋەقەسى نەقمەيدانىدىن ئىگىلىنىشىچە، 14-فېۋرال يۈز بەرگەن ليەنيۈەن شەھىرى دولىشەن بازىرى زۇباۋ كۆمۈر كېنىدىكى پارتلاش ھادىسىسىدە، 29 ئادەم قۇدۇق ئاستىغا چۈشكەن بولۇپ، 16 ئادەم يەر يۈزىگە بىخەتەر چىقىۋالغان، تۆت ئادەم قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، توققۇز ئادەم ئۆلگەن.
ليەنيۇەن شەھىرى زۇباۋ كۆمۈر كېنى پاي ھەسسىدارلىق تۈزۈمىدىكى كارخانىغا تەۋە بولۇپ، گازنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى، سۇ ئاپىتى بار كان قۇدۇقى ئىكەن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 90 مىڭ توننا، گۇۋاھنامىلىرى تولۇق ئىكەن.
ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى