باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 889 كادىر خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا دەخلى –تەرۇز قىلىش سەۋەبىدىن تورغا چۈشتى

بۇ يىل يېزىلار ۋە ئاساسىي قاتلاملاردىكى «چىۋىن پارىخور»، «چۈمۈلە پارىخور»لار ئېغىر جازالىنىدۇ

2017.02.14 17:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- فېۋرال، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەپتىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق ئۇقتۇرۇلدى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى «خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق»قا ئوخشاش ۋەزىپە ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى دېلوسىدىن 687سى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بولۇپ، دىلوغا چېتىشلىق 741 ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى. بۇنىڭدىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا دەخلى –تەرۇز قىلىش قىلمىشى دېلوسىدىن 128ى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، دىلوغا چېتىشلىق 148 ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 889 كادىر خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا دەخلى –تەرۇز قىلىش سەۋەبىدىن تورغا چۈشتى.

  يۇقىرىقى دېلولار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 264 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى. ئۇنىڭدىن سىرت پارا بېرىش جىنايىتى بىلەن 174 ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 10 ئادەم قوغلاپ تۇتۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر