- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بېيجىڭ كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىنى يەنە يەڭدى
2017.02.15 14:26 مەنبە: خەلق تورى
سۈرەتتە: 14- فېۋرال، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ توپچىسى پېڭ شېچىڭ (سولدا) مۇسابىقە جەريانىدا بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ توپچىسى ياڭ بەنبەندىن مۇداپىئە قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، 2016- 2017- يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(WCBA)نىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، بېيجىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا91:77 نەتىجە بىلەنشىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى، چوڭ نومۇر 2:0 بىلەن مۇسابىقە نۇقتىسىغا ئېرىشتى. شۇ كۈنى ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، شېنياڭ قىسىم ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 88: 71 نەتىجە بىلەن 1-ئاۋغۇست ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، 1:1 بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر