باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئولتۇراقلىشىش كېنىشكىسىنى ئۆلچەم قىلغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش سىياسىتىنى بېكىتىدۇ

2017.02.15 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا، «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى، «ئۇقتۇرۇش» تا مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىدە ئادىل بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى. ئولتۇراقلىشىش كېنىشكىسىنى ئاساس قىلغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئوقۇش سىياسىتىنى بېكىتىش كېرەك. جايلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى شۇ ئەتراپتىكى مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇتۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. شەھەرلەردە ئىشلەۋاتقان دېھقانلار بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ شۇ جايدا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەر، بولۇپمۇ ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى شەھەرلەرنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ شۇ جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» تۆۋەندىكى ئالتە چوڭ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيىۋى، سىياسىي خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش؛ قۇرۇلمىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك تەربىيەلەشلەرنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش؛ مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزا، رايون، مەكتەپلەر ۋە ئامما ئارىسىدىكى پەرقنى ھەقىقىي كىچىكلىتىش؛ مائارىپ كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر