باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى تۇنجى مائارىپ كۆك تاشلىق كىتابىي جۇڭگو مائارىپىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش 2016-يىللىق دوكلاتى ئېلان قىلىندى

2017.02.14 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى تۇنجى مائارىپ كۆك تاشلىق كىتابىي جۇڭگو مائارىپىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش 2016-يىللىق دوكلاتى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىندى.

  كۆك تاشلىق كىتابتا نامراتلارنى يۆلەشتە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقىتىش سىستېمىسىدا مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك قىسمەن نوپۇزلۇق سانلىق مەلۇماتلار تۇنجى قېتىم قوللىنىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھازىر مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى ۋە سىياسىتى لايىھەلەنمەكتە، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىنىڭ ئۆلچىمى دۆلەت بېكىتكەن نامرات ناھىيەلەر ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىلغان نامرات نوپۇسقا تامامەن ماس كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ياردەم بېرىشكە موھتاج قىسمەن نوپۇس مائارىپنىڭ مەدەت بېرىش دائىرىسىگە تېخى كىرگۈزۈلمىدى؛ كۆپلىگەن يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى شەھەرلەرگە كىرىپ ئوقۇدى ، يەنە بىر جەھەتتىن ئائىلىسىدە قالغان بالىلار ۋە كۆچمە نوپۇس پەرزەنتلىرىمۇ بار، بۇ بالىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مائارىپىغا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش كۆك تاشلىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىئىينەزەر، شۇنداقلا بىزنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى تەتقىقاتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

  كۆك تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر نامرات نوپۇس يەنىلا كۆپ، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، كۆك تاشلىق كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى سى شۇجىيە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا بىز گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ مائارىپنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەتقىقات خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر