باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار يۇقىرى پەن تېخنىكا تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

2017.02.14 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باھار كېلىشى بىلەن جايلار يۇقىرى پەن تېخنىكا تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ 12-فېۋرال نەنجىڭ جياڭبېي يېڭى رايونى زىگۇاڭ گۇرۇھى نەنجىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپى بازىسىدا ئۆلكە بويىچە 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان زور تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرى جاۋ ۋېيگو مۇنداق دېدى: بىز 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ بۇ يەردە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك ياسىمىچىلىق زاۋۇتى قۇرىمىز، زاۋۇت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 مىڭ ئۆزەككە يېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال جەھەتتە چەتئەلنىڭ ئۆزىكىگە تايىنىش زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: نەنجىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ مۇھىم توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسپى شەھىرى.

  ھازىر شەنشىنىڭ تەييەن پولات تۆمۈر گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سىلىتسىي سوغۇق پىرېسلاش پولات زاۋۇتىنىڭ مەشغۇلات رايونى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپىدە تەييۈەن پولات تۆمۈر گۇرۇھى شىركىتى تۇنجى بولۇپ ياراتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قوزغىتىش دىنامىكىسى ئىشلىتىلىپ مەخسۇس يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىلىتسىيلىق پولات ئىشلەپچىقىرىلدى. تەييەن پولات تۆمۈر گۇرۇھى شىركىتى سىلىتسىي سوغۇق پىرېسلاش سىلىتسىيلىق پولات تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ باش ئىنژىنېرى جاڭ ۋېنكاڭ مۇنداق دېدى: بۇ سىلىتسىيلىق پولات ماتېرىيالىدا ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە ئىمپورتقا تايىنىپ كەلگەن ئىدۇق، ھازىر بىز ئىمپورتنىڭ ئورنىنى ئالدۇق.

  باھار كېلىشى بىلەن ئىچكى موڭغۇل يېتەي كۆمۈر مېيى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 2 مىليون توننا كېلىدىغان كۆمۈرنى ۋاسىتىلىك سۇيۇقلاشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈردى، شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى شى يۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئېلىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت تەستىقلىغان زور كۆمۈر مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى.

  بىز بايلىق قىممىتىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

  جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ ئىقتىسادى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پەن تېخنىكا شەھەرچىسىدە ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بۇ يەردە مەملىكەت بويىچە مۇھىم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ھەمدە ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇۋاتاتتى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۈەن شەھىرى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش پىلانىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، 200دىن ئارتۇق يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تۈجۈپىلىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىپ، ئالدى بىلەن تىپىنى ئۆزگەرتىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە 80دىن ئارتۇق كارخانا ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپىدىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانا.

  گۇاڭدۇڭ خۇيسۇ خەۋەرلىشىش تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېڭخۇي مۇنداق دېدى: ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش پىلانىدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتىمىز، دۇڭگۈەن ئەزەلدىن پەن تېخنىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتە يېڭىلىق يارىتىپ باقمىغان ئىدى، بىز بۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر