باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە ئاساسلىق تۇتقا قىلىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2017.02.14 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسى 13-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش −− نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىنى ئېچىشنى قارار قىلىشتىكى مەقسىتى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر، تەلتۆكۈس چۈشىنىپ، «مىزان»، «نىزام»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى توغرا، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرىكەت ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە ئاساسلىق تۇتقا قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

  كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىپادىلىدىكى، پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىيغا جەزمەن بايرىقى روشەن ھالدا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كەسكىنلىك، ئەستايىدىللىق بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش −− پارتىيەمىزنىڭ «كالتسىي» تولۇقلاش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنى پاكلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، زەھەر تازىلاپ، مىكروب ئۆلتۈرۈپ، سىياسىي ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشىنىڭ تۈپ يولى. قاچانكى پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش نورماللاشسا، ساغلاملاشسا پارتىيەمىزدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇپ، پارتىيەمىز ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، پارتىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا ئىللەتلەر كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ رايى يېنىپ، جەڭگىۋارلىق يوقىلىپ، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەلەر ۋاقتىدا تۈزىتىلمەي، پارتىيە ئىشلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، مۇستەھكەم سىياسىي غايە تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيداندا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي تەجرىبە توپلاپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى پارتىيەۋىلىك بويىچە چېنىقىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ئاڭلىق ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى زىممىسىدىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بىلەن زىچ ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر