باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەر ئارقا-ئارقىدىن چىقماقتا

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى قاتارلىق ئۈچ كارتا بىرلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭلىقلارنىڭ «ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايلاردا داۋالىنىش»ى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

2017.02.14 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى، بانكا كارتىسى، داۋالىنىش كارتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ كارتا بىرلەشتۈرۈلدى؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسى «مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايلاردا داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش سۇپىسى»غا ئۇلانماقچى؛ «شەھەر - بازار، مەھەللىلەرنىڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى باھالاش چارىسى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئېلان قىلدى، بۇ خەۋەر كىشىلەرنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

  بىرىنچىدىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ «مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايلاردا داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش سۇپىسى»غا ئۇلىنىشى پىلانلاندى

  ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شەھەر ۋە توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر (تۇرپان، قۇمۇل، سانجى، ئاقسۇ، بورتالا ئوبلاستى، بايىنغولىن ئوبلاستى، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ئىلى ئوبلاستى، ئالتاي) ئوڭۇشلۇق ھالدا «مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايلاردا داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش سۇپىسى»غا ئۇلىنىپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەش رايونلىرى ئەڭ كۆپ قاپلانغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) بولۇپ قالدى. 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونۇم رايونىمىز دائىرىسىدە راسچوت سۇپىسىغا تولۇق ئۇلىنىپ بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى، بانكا كارتىسى، داۋالىنىش كارتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ كارتا بىرلەشتۈرۈلدى

  «ئىجتىمائىي كاپالەت، بانكا، داۋالىنىش بىرلەشمە كارتىسى» تۈرى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە، بىر كارتا بىلەنلا ھەم نومۇر ئالالايدۇ، ھەم ھېسابات قىلالايدۇ. بۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى داۋالىنىش كارتىسى بېجىرىش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلاپلا قالماي، يەنە دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالىنىش كارتىسى ياساش چىقىمىنى ۋە نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي بايلىقنى تېجەپ قالالايدۇ ھەم سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ بۇ تۈرلىرى بۇ يىل ئاپتونۇم رايونىمىز دائىرىسىدە ئومۇملاشتۇرۇلماقچى.

  ئۈچىنچىدىن، «خىزمەت تېپىشى قىيىن بولغان كىشىلەرگە ياردەملىشىپ خىزمەت تېپىپ بېرىلىدۇ»

  تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ «چارە»نىڭ ئاساسلىق باھالىغۇچىسى شەھەر – بازار، مەھەللە ئەمگەك- ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت پونكىتى بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى پىلاندىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان – ۋەزىپىلىرىنىڭ ئورۇندىلىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى باشقۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەشۋىقاتى، رازىمەنلىك دەرىجىسى قاتارلىق ئالتە تەرەپ، 30 كىچىك تۈر، 67 كونكرېت مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش كۆرسەتكۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مەھەللە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت نەتىجە – ئۈنۈمىنى باھالاش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر