باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى

مېھمانخانا خادىملىرى مېھماننىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

2017.02.15 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياتاقتا ياتقۇچى خادىملار كىملىكى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلسا، مېھمانخانا خادىملىرى ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك، خەلق ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ ياتاق تەكشۈرگەندە، ساقچى كىنىشكىسىنى چىقىرىپ كۆرسىتىشى كېرەك

  بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالماقچى ئىكەن. پىكىر ئېلىش ۋاقتى 3- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە بولىدىكەن. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا، ياتاقتا ياتقۇچى خادىملار ياتاق ئاچقاندا ئىسپات بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىش، مېھمانخانا خادىملىرى مېھماننىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش، خەلق ساقچىلىرى مېھمانخانا تەكشۈرگەن چاغدا ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش دېگەندەك مۇشۇ قىلمىشلار ئۈستىدىن كونكرېت ئۆلچەم چىقاردى، مېھمانخانا، ياتاقتا ياتقۇچى خادىملار ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا «مېھمانخانا»دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەزمۇنى يەنىمۇ بېيىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «مېھمانخانا»دېگىنىمىز، ئومۇمەن كۈن بويىچە ياكى سائەت بويىچە ھېسابلاپ ھەق ئالىدىغان، قونۇشقا زۆرۈر بولغان بۇيۇملار ۋە ئەسلىھەلەر بولغان ياتاقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، ھەمدە مۇلازىمەتچى خادىملىرى جامائەتكە مېھمانخانا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بارلىق تىجارەت سورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، مېھمانخانا، مېھمانساراي، دېھقانلار شادلىقى ساياھەت ئائىلىسى قاتارلىقلار ۋە يۇيۇنۇش، پۇت داۋالاش، ئۇۋۇلاش قاتارلىق قونۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سورۇنلارنىڭ ھەممىسى مېھمانخانا ھېسابلىنىدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا بەلگىلىنىشىچە، مېھمانخانا ئاچماقچى بولسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن تارقىتىلغان تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ ئورگىنىدىن ئالاھىدە كەسىپلەر ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئېنىقلاندى: ياتاق ۋە مېھمانخانىلار ياتاقتا ياتماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسىي پەرقى، مىللىتى، تۇرۇشلۇق ئورنى، كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ تۈرى ۋە نومۇرى، تىزىملاتقان ۋە قايتۇرغان ياتاقنىڭ نومۇرى، ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئادەممۇ ئادەم ئەينەن تىزىملىشى كېرەك. ياتاقتا ياتقۇچى خادىملار ئەگەر كۈچكە ئىگە كىملىكىنى ئېلىپ يۈرمىگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئۇ كىشى مېھمانخانا خادىملىرىغا ماسلىشىپ، مېھمانخانىنى ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ تىزىملاتقان ياتاقتا ئەگەر باشقىلارنى قوندۇرغان، ياكى تىزىملاتقان ياتاقتا باشقىلارغا ياتاق بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، چوقۇم ياتاقتا ھەقىقى ياتقۇچى كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكى بويىچە تىزىملىتىشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن سىرت، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا بەلگىلىنىشىچە: ياتاقتا ياتقۇچى خادىملار كىملىكى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلسا، باشقىلارنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىۋالغان بولسا ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن كىملىكنى ئىشلەتكەن بولسا، شۇنداقلا ياتاقتا ياتقۇچى چېگرا سىرتىدىكى خادىملارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ تۈرى ۋە راست-يالغانلىقىنى ئايرىش تەس بولغاندا، مېھمانخانا خادىملىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر