خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- فېۋرال، داليەن تاموژنىسىنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىشىچە، 2016- يىلى كىرگەندىن بۇيان، مەزكۇر تاموژنا يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ۋە سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز ئەتكەس قىلىدىغان دېلولارنى ئۇدا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن. نۆۋەتتە، داليەن تاموژنىسى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك دېڭىز-ئوكيان ۋە بېلىقچىلىق نازارىتىگە يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ۋە سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قولغا چۈشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە، كىت چىشدىن يەتتە دانە، كىت چىشىدىن ياسالغان بۇيۇمدىن ئۈچ دانە، يېشىل دېڭىز تاشپاقىسىدىن بىرى، تاق مۈڭگۈزلۈك كىت چىشى بۇيۇملىرىدىن بىر تال، بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدىغان تىرىداكنا مولليۇسكىدىن 18 پارچە، تىرىداكنا مولليۇسكىدىن توققۇزى ۋە قىممەتلىك قىزىل مارجاندىن بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى