باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە كۆرۈلگەن تۇمانلىق ھاۋا رايىدا 3000غا يېقىن يولۇچى ئايرودۇرۇمىدا تۇرۇپ قالدى

2017.02.15 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-فېۋرال چۈشتىن كېيىن 9دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، ئۇچۇش – چۈشۈش يولىنىڭ كۆرۈش ئارىلىقى ئۇچۇش ئۆلچىمىگە يەتمىدى.

  ئايروپورت ئۇچۇش قوماندانلىق بۆلۈمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سائەت 10دىن 20 مىنۇت ئۆتكىچە، 23 نۆۋەتچى قېتىم ئايروپىلان ئايروپورتتىن ئۇچقان، 36 نۆۋەتچى قېتىم ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلگەن، تۆت نۆۋەتچى قېتىم ئايروپىلان ئايروپورتقا چۈشكەن، ئۈچ نۆۋەتچى قېتىم ئايروپىلاننىڭ چۈشۈشى كېچىكتۈرۈلگەن. 10 نۆۋەتچى قېتىم ئايروپىلاننىڭ ئايروپورتقا چۈشۈشى ۋە ئايروپورتتىن ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، 3000غا يېقىن يولۇچى ئايرودۇرۇمىدا تۇرۇپ قالغان.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا كۆرۈلگەن تۇمانلىق ھاۋارايى ئاساسلىقى ئېرىگەن قار-مۇزلار پارغا ئايلىنىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەندە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بىلەن ئۇچرىشىپ توڭلىشىدىن شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرودۇرۇم جايلاشقان دىۋوپۇنىڭ ئويمان بولۇشى سەۋەبلىك، ئاسانلا تۇمان كۆرۈلىدىكەن، ئەگەردە شامال كۈچى ئاجىز ۋاقىتلارغا توغرا كەلسە، شامال تۇماننى ھەيدىۋېتەلمەيدىكەن. شۇڭا تۇمانلىق ھاۋارايىغا دۇچ كېلىپ قالسا، تۇماننىڭ ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كېتىشىنى ساقلىماقتىن باشقا ئامال يوق ئىكەن. شۇڭلاشقا يولۇچىلارنى ھاۋارايى ۋە ئايروپىلان ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، سەپەر ۋاقتىنى يېتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەسكەرتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر