باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان بېسىپ تارقىتىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى

2017.02.15 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جۇڭگونىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانى(2017-يىلدىن 2025-يىلغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، كەلگۈسى بەش يىلدىن 10 يىلغىچە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كېسەللىك يۈكىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق كۆزلىگەن ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: توغرا بولغان ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىق خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو، داۋالاش، دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل خەۋپى ئامىلىنى كونترول قىلىپ، ساغلاملىقنى قوللايدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشنى مۇھىم نۇقتا، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ساغلاملىقنى باشقۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئاشۇرۇپ، كېسەل بولۇش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ كېسەللىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاغرىقلارنىڭ ياشاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش، شۇ كېسەللىك بىلەن قازا قىلىش ۋە مېيىپ بولۇشىنى ئازايتىپ، ھاياتلىق دەۋرىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىش كېرەك.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇپ تەڭ بەھرىلىنىش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت باش بولۇپ يېتەكلەش، تارماقلار ھەمكارلىشىش، جەمئىيەت سەپەرۋەر قىلىش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىشتەك سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ئاساس قىلىش، كىشىلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىش، جەمئىيەت مەدەت بېرىش، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشتەك ساغلاملىق باشقۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  «يىرىك پىلان»دا ئېغىر سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش يادرولۇق نىشان قىلىنىپ، 2020-يىلدىن 2025-يىلىغىچە، تىرىشىپ 30 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، راك كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس سىستېمىسى كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلى سەۋەبىدىن بالدۇر ئۆلۈش نىسبىتىنى 2015-يىلدىكىدىن %10 ۋە %20 تۆۋەنلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنداقلا 16 تۈرلۈك كونكرېت خىزمەت كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر