خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركەز ئاگېنتلىقى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى تەمىنلىگەن بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئوتتۇرا-يىراق مۇساپىلىق بىر ئىستراتېگىيەلىك تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بوشلۇققا قويۇپ بېرىلگەن. چاۋشيەن مەركەز ئاگېنتلىقىنىڭ 13-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن 12- فېۋرال ئوتتۇرا-يىراق مۇساپىلىق بىر ئىستراتېگىيەلىك تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن. چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىن قويۇپ بېرىش نەق مەيدانىغا بېرىپ، قويۇپ بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلغان.
ب د ت خەۋەپسىزلىك كېڭىشى تۆنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ يەنە بىر قېتىم ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد قويۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، چاۋشيەننى بۇ خىل ھەرىكىتىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى چاۋشيەن ۋەزىيىتى ھەققىدە جىددىي يېپىق مەسلىھەت يىغىنى ئاچتى. خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسى، ئۇكرائىنانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋىلادىمىر يېلچىنكو كېڭىشىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تاراتقۇلار باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد قويۇپ بېرىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەننىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار باياناتلىرىنى پۈتۈنلەي نەزەرگە ئالماي، يەنىلا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى ۋە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا يەنىمۇ خىلاپلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا ئومۇميۈزلۈك رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى