باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى

2017.02.15 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:13- فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە،2016- يىلى 5- ئايدىن 12- ئايغىچە شىنجاڭدىكى A4 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 84 ساياھەت مەنزىرە رايونى (سەيلىگاھ)دا جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 23مىليون 501مىڭ 200 ئادەم (قېتىم) بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ساياھەتچى 17مىليون 707 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) ، باشقا ئۆلكىدىن كەلگەن ساياھەتچى بەش مىليون 694 مىڭ ئادەم (قېتىم) ، چېگرا سىرتىدىكى ساياھەتچى 90 مىڭ 940 ئادەم (قېتىم) بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلى شىنجاڭغا كەلگەن دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى جەمئىي 81 مىليون 200 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪24.3 ئاشقان. ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى بىر مىليارد 401 مىليون يۈەن بولۇپ، %24.6 ئاشقان. بۇلار ئىچىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 79 مىليون 100 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، %24.5 ئاشقان؛ دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي ئىستېمالى 134 مىليارد يۈەن بولۇپ، %24.8 ئاشقان؛ كۈتۈۋالغان چەتئەللىك ساياھەتچى ئىككى مىليون 10 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ %19.6 ئاشقان؛ چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي ئىستېمالى 900 مىليون10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، %23.4 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر