باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016-يىللىق GDPسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى

ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى

2017.02.15 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016-يىللىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق، پۈتۈن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 961 مىليارد 723 مىليون يۈەن بولغان. ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.6 ئاشقان. ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

  2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىدا ياخشىلىنىش بولغان، پۈتۈن بىر يىلدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 282 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.4 پىرسەنت ئاشقان (باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئېشىشى %7.9 بولغان). ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. ئىستېمال شەكلى بويىچە ئايرىغاندا، يېمەك-ئىچمەك كىرىمى 36 مىليارد 671 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2 ئاشقان؛ تاۋارلارنى پارچە سېتىش ئومۇمىي كىرىمى 245 مىليارد 919 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان.

  2016-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا شىنجاڭدىكى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە كىرىمى 28 مىڭ 463.4 يۈەن بولۇپ، نامدا ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.3 ئاشقان. ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان،

  باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئېشىشى %6.8 بولغان. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ 183.2 يۈەن بولۇپ، نامدا ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئېشىشى %6.7 بولغان.

  2016- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPA) ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1.4 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى مەملىكەتنىڭكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر