باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا نەزەر

مەكىت ناھىيەسىدىن بۇ يىل تۇنجى قاراردا 400 نەپەر ياش ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلىگىلى بارىدۇ

2017.02.15 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-فېۋرال سەھەردە، «دولان يۇرتى» مەكىتتە قۇياش نۇرى ئىللىق پارلاپ، ھەممە يەر باھاردەك ئىسسىغانىدى. ناھىيە مەركىزىدىكى دولان مەيدانىدا داقا – دۇمباقلار چېلىنىپ، بايراقلار لەپىلدەيتتى. ناغرا-سۇناي ساداسى ئىچىدە، ھەر قايسى يېزا-بازار، كەنتلەردىن كەلگەن 400 ياش خۇشال-خۇراملىق بىلەن شەندۇڭنىڭ چىڭداۋ، ئەنخۇينىڭ خېفىي، فۇجيەننىڭ جىنجياڭ قاتارلىق شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئىچكىرىدىكى يېڭى خىزمەت ھاياتىنى باشلاش ئالدىدا تۇراتتى. ئىگىلەشكە قارىغاندا، بۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى بىكار قىلىنغانلىق توغرىسىدىكى سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەكىت ناھىيەسىنىڭ دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشى ئۈچۈن ئاكتىپ ئورۇنلاشتۇرغان بىر مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدىكەن.

  قۇرما يېزىسى ئەگىز كەنتىنىڭ ئاھالىسى تۇرسۇنگۈل مەمەتنىڭ ئائىلىسى نامرات ئىدى. 2015-يىلى 7-ئايدا ئۇ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، خۇنەن ئۆلكىسى گۇاڭشۈي شەھىرىنىڭ شىنچېڭدىكى كىيىم-كېچەك كارخانىسىغا بېرىپ ئىشلىدى ۋە بىر يىلدا 20 مىڭ يۈەن پۇل تېپىپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىدا چوڭ ياخشىلىنىش بولدى. بۇ قېتىم ناھىيەدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئۇ كەنت بويىچە بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇردى.

  مەكىت ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋېن فۇلەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەكىت ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتىشنى ‹ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىنچى مۇھىم ئامىلى ۋە ‹بەش بىر تۈركۈم› تۈجۈپىلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەدبىرى دەپ قاراپ، ‹بىر ئۆيدىن بىر كىشى بولۇش› بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قىش پەسىللىك ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى باشلامچىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىمىز. بۇ يىل مەكىت ناھىيەسى 2000 كىشىنى شىنجاڭ سىرتىغا چىقىپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر