باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇردى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى

2017.02.15 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.»

  « <مىزان>، <نىزام>دا پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلار مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كېسەلنى كۆرسىتىپ بېرىپ، رېتسېپ يېزىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.»

  «پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى چوقۇم ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ھوقۇقنى قاتتىق يۈرگۈزۈپ، ئىنتىزامغا بويسۇنۇش كېرەك.».......

  بۇ جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرغاندا ئالغان چوڭقۇر تەسىراتى، بۇ كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەقىقىي قەلب ساداسى.

  چوڭقۇر ئۆگىنىش، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش. نەچچە ئايدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى تەلەپ بويىچە، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

  سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش −− پارتىيەمىزنىڭ «كالتسىي» تولۇقلاش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنى پاكلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، زەھەر تازىلاپ، مىكروب ئۆلتۈرۈپ، سىياسىي ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشىنىڭ تۈپ يولى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى يېپىلىشى بىلەنلا، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ئۆگىنىپ، بەس-بەستە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ يادروسىغا ئايلىنىشىنىڭ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر