باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەكىت ناھىيەسىدە مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كېڭەيتىلدى

400 ياش سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولدى

2017.02.15 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، دولان يۇرتى مەكىت ناھىيەسى مەركىزىنىڭ دولان خەلق مەيدانىدا نەچچە مىڭ ئامما داقا - دۇمباق ساداسى ئىچىدە، ھەر قايسى يېزا – بازار، كەنتتىن كەلگەن 400 ياشنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ كېلىشكە ئۇزاتتى. ئۇلار شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جىنجياڭ شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئاساس سالىدۇ. بۇ، مەكىت ناھىيەسىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈنجى قېتىم دېھقانلارنىڭ ئۆيىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەلرايى قۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

  يانتاق يېزىسى يانتاق كەنتىدىكى ھەسەن روزى تۇنجى قېتىم يۇرت ئاتلاپ، سىرتقا پۇل تېپىشقا چىقىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئازراق جىددىيلىشىۋاتاتتى.

  _ كەنت بىزنى تەشكىللەپ ناھىيەدە ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلىگەندە، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتۇق. بىزنى يېتەكلىگەن مۇئەللىمنىڭ سىرتقا چىقىپ تىرىشىپ ئىشلىگەندە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىغىلى بولۇپلا قالماي، نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى كۆرۈدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلدى. بۇلتۇر بىر نەچچە دوستۇم سىرتتا ئىشلەپ، بىر يىلدا نەچچە ئون مىڭ يۈەن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، بۇ يەردە مەن ئۇنچىلىك كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايمەن. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ سىرىتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپاي دېگەن ئويغا كەلدىم،- دېدى ھەسەن روزى، _ بۇ پىكرىمنى ئائىلەمدىكىلەر ئاڭلاپ مېنى قوللىدى، مەن بۇ قېتىم ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق شىركەتگە بارىمەن، مەن ئۇ يەردە تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرنى كۆرۈپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىمەن.

  قۇرما يېزىسى بىرئېغىز كەنتىدىكى تۇرسۇنگۈل مۇھەممەتنىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، 2015-يىلى 7-ئايدا ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى بىلەن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭشۈي شەھىرىدە قۇرۇلغان كىيىم - كېچەك شىركىتىدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، بىر يىلدا 20 مىڭ يۈەن تېپىپ، ئائىلىسىدە زور ئۆزگىرىش بولغانىدى. بۇ قېتىم ناھىيە ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللىگەندە، ئۇ بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇردى.

  _ سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتىن بۇرۇن ناھىيە بىزگە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، بىزنىڭ تەشكىلىي تۈزۈم ئېڭىمىز، قانۇن ئېڭىمىز، مىننەتدارلىق تۇيغۇمىزنى يۇقىرى كۆتۈردى، خەنزۇچە ئۆگىتىپ، تۇرمۇشتىكى ئاددىي سۆزلەرنى قىلالايدىغان ھەم چۈشۈنەلىگىدەك قىلىپ تەربىيەلىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنىمۇ ئۆگىتىپ، دېھقان بالىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپايىمىزنىمۇ ئۆستۈردى،-دېدى تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت. بۇلتۇر سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارقىلىق خەنزۇ تىلى سەۋىيەم ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىم خېلىلا ئۆستى. بۇ قېتىمقى نىشانىم پەقەت پۇل تېپىشلا بولماستىن، يېڭى تېخنىكىلارنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىپ، يۇرتۇمغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تەجرىبە توپلايمەن. «كۆرگەن كۆرگىنىنى قىلار، كۆرمىگەن نېمىنى قىلار» دېگەندەك ئۇ يەردە كۆرگەن، ئۆگەنگەنلىرىم ئارقىلىق بىلىم قۇرۇلمامغا ئـاسـاس سېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش باشلامچىسى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى دادىللىق بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىق قىلىمەن.

  قىزىنى ئۇزاتقىلى چىققان قۇمقىسار يېزىسى تۆۋەنكى تاۋاركىسىك كەنتىدىكى ئۆمەر ئىسمائىل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بىز دېھقانلار ئۈچۈن ئەمدى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقتى. قىزىم بۇزوراگۈل بۇ قېتىم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ. گەرچە قىزىمدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىسىمۇ، قىزىمنىڭ چوڭ شەھەرلەرنى كۆرۈپ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىشى، بىزدەك بىر ئۆمۈر دېھقان بولۇپ، ھېچيەرنى كۆرمەي ئۆتۈپ كەتمەسلىكى، سىرتلاردا يېڭى مۇھىتلارنى كۆرۈپ، يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلىشى، بالامنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئەۋەتتىم. بىزنىڭ دېھقان ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ پۇرسەت بولسىلا چوڭ شەھەر، چوڭ كارخانىلاردا ئىشلەپ، ئىستىقبالىنى تاپسا دېگەن ئۈمىدىم بار .

  مەكىت ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋېن فۇلەي مۇنداق دېدى : 2017 - يىلى مەكىت ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يىلى. ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ «توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە ئەلرايى قۇرۇلۇشى قىلىپ بېكىتتى. نامراتلىق ناھىيەمىزدىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە، 39 نامرات كەنت، 33 مىڭ 900 نامرات نوپۇس ناھىيەمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىزدىكى ئاجىز ھالقا بولۇپ تۇرماقتا. بۇ يىل ناھىيەمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، زېھنىمىزنى ئامما ئۈچۈن كۆپلەپ ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە قارىتىپ، «بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، قىش پەسلىدىكى دېھقانلارنىڭ ئارىسال ۋاقتىدا ياشلارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى، مەكىت ناھىيەسى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يىلدا شىنجاڭدىن سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان كىشى سانىنى 1110گە يەتكۈزگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر