باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىنىڭ «پۇل قاپچۇقى»غا سوزۇلغان مەنپەئەت قارا قوللىرى ئۈزۈۋېتىلدى

ئېلىمىزدە جامائەتكە چېتىشلىق ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

2017.02.15 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىلدى، «e زۇ باۋ»، «پان ئاسىيا» قاتارلىق زور بىر تۈركۈم چوڭ دېلولار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، جامائەتكە چېتىلىدىغان ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنى رازۋېدكا قىلىش خىزمىتى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى جامائەتكە چېتىشلىق ئىقتىسادىي جىنايەتلەردىكى يېڭى ئەھۋاللار، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، دىققەتنى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مېخانىزم- ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە قارىتىپ، جامائەتكە چېتىشلىق ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى.

  قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق جامائەتكە چېتىلىدىغان ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنىڭ خەۋپى ئۈزلۈكسىز يامراپ كېتىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتكە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان سالغان نۇقتىلىق ساھەلەردە ئارقا-ئارقىدىن ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىقتىسادىي تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىدى. 2015-يىلدىن بۇيان، ج خ مىنىستىرلىقى ئۇدا ئۈچ قېتىم مەملىكەت بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، 200 نەچچە قېتىملىق دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2015-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق جامائەتكە چېتىلىدىغان ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇقىغا دېلو تۇرغۇزۇپ، ئامما ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم ئىقتىسادىي زىياننى تولدۇرۇۋالدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى، ئالاقىدار دېلولاردىكى دېلو تۇرغۇزۇش سانى ۋە دېلوغا چېتىشلىق سومما 2015-يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %8.9 ۋە %7.3 تۆۋەنلەپ، بۇ خىل دېلولارنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئوڭشالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر