باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىگە پىكىر ئېلىندى

دېڭىزدا خەتەرگە يۇلۇققان خادىملار ئادەم قۇتقۇزۇشقا ھەقسىز ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق

2017.02.15 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنى (تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى» دېيىلىدۇ) جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش جەھەتتە، دېڭىزدا ئادەم ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ھەقسىز بولۇش، ھەمدە ئۇنىڭ مال-مۈلۈك ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇشتىن، ھەمدە مۇھىتنى قوغداپ قېلىشتىن بۇرۇن بولۇشتەك ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە قۇتقۇزۇش تۈزۈلمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەمدە ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىندى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا چۈشەندۈرۈپ تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پىكىر ئېلىش نۇسخىسى دېڭىزدا قۇتقۇزۇش ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈش جەھەتتىكى كونكرېت تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا يولۇچىلار كېمىسى خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىغاندا ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىنى بەلگىلىگەن، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېڭىزدا يۈز بەرگەن تاسادىپىي ۋەقەدىن كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا پاراخوت ۋە دېڭىز ئۈستى ئەسلىھەلىرى توغرىسىدا ئاساسىي بىخەتەرلىك كاپالىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۇزۇندىن بېرى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلمىگەن، ئەمەلىيەتتە تېپىلىپ قېلىشىدىن ئۈمىت ئۈزۈلمىگەن يوقاپ كەتكەن ۋە كېرەكسىز قىلىنغان كېمىلەردە چوڭ مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا بەلگىلىنىشىچە، كېمە ئىگىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز، دېڭىز ئىشلىرى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەرىپىدىن ئاللىقاچان "يوقالغان"دەپ بېكىتىلگەن ياكى براك قىلىنغان كېمىلەر، گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش ۋە تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەت تەۋەلىكىنى تىزىمغا ئالغان رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر