خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىن جەريانىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 322 نەپەر ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىدۇ؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىناق- مۇقىم، ئىلغار ھەم كۈچلۈك، مىللەتلەر بىرلەشكەن، دىنلار ئىناق، ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە، پاكىز ۋە گۈزەل «ئالتە بولغان مەركىزىي شەھەر» قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.
ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۆجۈن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
يىغىندا، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ۋېي يى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى