باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلىم-پەن دەرسلىرى باشقىدىن تەڭشىلىپ، 1- يىللىقتىن باشلاپلا ئوقۇشقا ئۆزگەرتىلىدۇ

2017.02.16 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە بۈگۈن «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «‹مەجبۇرىي مائارىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلىم-پەن دەرسلىرىنىڭ ئۆلچىمى›نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2017- يىلى كۈزدىن باشلاپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلىم-پەن دەرسلىرى باشقىدىن تەڭشىلىپ، 1- يىللىقتىن باشلاپلا ئوقۇشقا ئۆزگەرتىلىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى «مەجبۇرىي مائارىپ دەرس تەسىس قىلىش تەجرىبە لايىھەسى»نى تۈزىتىشكە تەشكىللەشتىن بۇرۇن، پىرىنسىپ جەھەتتىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1، 2- يىللىقى ھەپتىدە كەم دېگەندە بىر دەرس سائىتى بويىچە دەس ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، 3- يىللىقتىن 6- يىللىققىچە دەرس سائىتى سانى ئۆزگەرمەيدىكەن.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2001- يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاساسىي مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 10 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلىم- پەن دەرسلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىغا نىسبەتەن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. لېكىن، ئەمەلىيەت داۋامىدا دەرس مۇۋاپىقلىقى، قوللىنىشچانلىقى، دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە بىر پۈتۈنلۈكى قاتارلىقلار جەھەتلەردە كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىغان مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى سېزىلمەكتە. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىلىم-پەن مائارىپىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەخلاق ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلىم-پەن دەرسلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ يېڭى ئۆلچەم 2017- يىلى كۈز پەسلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر